ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغاقاتناشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-03-06 18:18

 

شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەۋى ئاساسىنى داۋاملىق  مۇستەھكەملەپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى بىرلىكتە گۈللەندۈرۈپ، گۈزەل تۇرمۇشنى بىرلىكتە يارىتايلى، دەپ تەكىتلىدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆزى تۇرۇشلۇق 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنى ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ تۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى بەخت-سائادەتتە، شەرەپ-نومۇستا، ھايات-ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتەك ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى بىرلىكتە گۈللەندۈرۈپ، گۈزەل تۇرمۇشنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، مۇقىم، ساغلام ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى تىرىشىپ ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقىشى قىزغىن، كەيپىيات جانلىق بولدى. جاڭ لېي، گو يەنلىڭ، جيا رۈنئەن، ۋاڭ شياۋخۇڭ، فېڭ يەنلى، جاۋ خۇيجيې، شى يۈدۇڭ قاتارلىق يەتتە ۋەكىل يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، يايلاق ئېكولوگىيەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىدە كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئۇنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالەم قاتنىشى تۆھپىسىنى قوشۇش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللىي سۈتچىلىكنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ ئارىلاپ سۆز قىلدى ھەمدە خاتىرە قالدۇردى.

شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئىچكى موڭغۇلدىكى يولداشلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە  چىڭ تۇتۇپ، ئېكولوگىيە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يۆنىلىش قىلىنغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، كەسىپ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىنىڭ مەنزىرىسىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئىچكى موڭغۇلنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى  يېزىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2021-يىلى بىز ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا د‍ائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە د‍ۆلەت ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇشتا يېڭىدىن زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدۇق، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇردۇق، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىنى ئاچتۇق ھەمدە پارتىيەنىڭ 3-تارىخىي قارارىنى چىقاردۇق. بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، ھاللىق جەمئىيەتنى ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدۇق. بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ سىرتتىن كىرىش، ئىچكى جەھەتتە قايتىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇش، ھەرىكەتچان تۈگىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ، «14-بەش يىل»نى ياخشى باشلىدۇق. بىز بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، دۇنياغا  بىر مەيدان ئاددىي، بىخەتەر، ئېسىل  تەنتەربىيە كاتتا مەرىكىسى تەقدىم قىلدۇق؛ ئېلىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى جاسارەت بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، قىشلىق  ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرد‍ى. بۇ نەتىجىلەر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى د‍ەۋرد‍ىكى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش م‍‍ۇساپىسىنى ئەسلىسەك، بىز تۆۋەندىكى مۇھىم تونۇشلارنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدۇق. بىرىنچى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغدايدىغانلا بولساق، بىز پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك سىياسىي ئۇيۇشۇش كۈچى، تەرەققىيات ئىشەنچىنىڭ بولۇشىغا جەزمەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ توپلاپ، كەسكىن  ۋەزىيەتتە پۈتۈن خەلق ئەڭ ئىشىنىدىغان تايانچنى شەكىللەندۈرەلەيمىز. ئىككىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا باشتىن-ئاخىر ئېغىشماي ماڭساقلا، بىز خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى چوقۇم داۋاملىق ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن خەلقنىڭ تەڭ بېيىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرەلەيمىز. ئۈچىنچى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىدىكى مۇقەررەر يول. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى پارتىيە رەھبەرلىكىدە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ياساپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولغاندىلا، بىز چوقۇم ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېڭى مۆجىزىلەرنى داۋاملىق يارىتالايمىز. تۆتىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى مۇقەررەر يول. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، پەن-تېخنىكىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېز ئىشقا ئاشۇرساقلا، بىز چوقۇم دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ رىقابەت كۈچى ۋە سىجىللىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان خەلقئارا رىقابەتتە تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، كەلگۈسىنى يارىتالايمىز. بەشىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاپ، يېڭى سىناق يولىدا ياخشى مېڭىشىنىڭ مۇقەررەر يولى. جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا. ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن نۇرلاندۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئۇنتۇماي، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق زىيانلىق ئامىللارنى ئۈزلۈكسىز تۈگىتىپ، پارتىيەنىڭ ساغلام ئورگانىزمىنى چىرىتىدىغان بارلىق كېسەللىكنى داۋاملىق تۈگەتسەكلا، بىز چوقۇم پارتىيەنىڭ سۈپىتى، تۈسى ۋە ماھىيىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېلىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، مىللەتلەر ئىتتىپاق، ئىناق بولسا دۆلەت گۈللىنىدۇ، جەمئىيەت تىنچ بولىدۇ، خەلق بەختلىك بولىدۇ؛ ئەكسىچە بولغاندا دۆلەت خارابلىشىپ، جەمئىيەت داۋالغۇپ، خەلق بالايى ئاپەتكە ئۇچرايدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشنى تەكىتلىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان زور تەدبىرى، شۇنداقلا تارىخىي تەجرىبە-ساۋاقلارنى چوڭقۇر يەكۈنلەش ئاساسىدا چىقارغان مۇھىم يەكۈنى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىچكى موڭغۇلنىڭ بۈگۈنى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئەتىسى يەنىلا ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا موھتاج. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە ھەم ھەقىقىي،  ئەمەلىي خىزمەت قىلىش، ھەم ئۈن-تىنسىز نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي، ئىنچىكە ئىشلەش، جانلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ئىشلەش كېرەك. ھەر مىللەت كادىرلىرى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر نەزەرىيەسى ۋە مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ئويلىشى، تەدبىر بەلگىلىشى، خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇشى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق ئىشلارلا بولسا كۆپرەك قىلىشى ھەم چوڭقۇر، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلىشى؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىسىز ئىشلارنى قەتئىي قىلماسلىقى كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنىڭ تەلىپىنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت تەشۋىقى تەربىيەسى، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى، شەھەر بەلگە ئىمارەت قۇرۇلۇشى، ساياھەت، كۆرگەزمە قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەردە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن ئۆز مىللىتى مەدەنىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىدىيە، مەدەنىيەت ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىچكى موڭغۇل چېگرا مىللەتلەر رايونى بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە چېگرا رايوننىڭ  مۇقىملىقىنى قوغداشتا زور مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. ئىشنىڭ باشلىنىشىدىنلا ماھىيىتىگە يېتىپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرنى ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر خىزمىتى ساھەسىدىكى تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىنىڭ بىخەتەرلىك، مۇقىملىق توسۇقىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى ئالاھىدە تەكىتلىدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە تۇيۇقسىز تارقالغان يۇقۇمنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرا ئېغىزى رايونلىرىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ كۆلەملىك قايتا تارقالماسلىق تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەك. كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى پائال، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، مەۋقەنى كۆمۈر كۆپ، نېفىت-تەبىئىي گاز ئاز بولۇشتەك تۈپ دۆلەت ئەھۋالىغا قارىتىپ، دۆلەتنىڭ «قوش كاربون» خىزمىتى پىلانى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، سىستېما قارىشىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرى بىخەتەرلىكى، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە، ئاممىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىشقا، ئالدىراقسانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، زەھەرلىك ئۆسمىنى قەتئىي كېسىپ تاشلاپ، زەھەر مەنبەسىنى تازىلاپ تۈگىتىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىشنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۇللۇق قۇرۇلۇش قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ ساغلام، ئۆلچەملىك يولغا ئومۇميۈزلۈك قايتىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، دائىملاشقان، ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزۈم-مېخانىزم ئورنىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخىدىن پايدىلىنىشنى ئۆمۈرلۈك زۆرۈر دەرسلىك قىلىشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، تارىخ ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، يېڭى مۇساپىگە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئاتلىنىپ، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇش كېرەك.

د‍ىڭ شۆشياڭ، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغاقاتناشتى

شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەۋى ئاساسىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ،