ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-03-21 19:07

 

باش شۇجى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 17-كۈنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ۋاكسىنا، تېز تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش دورىسى ۋە دورا تەتقىقاتى قاتارلىق پەن-تېخنىكا ئۆتكەللىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە قىلىش كېرەك.

كادىرلار، ئامما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي  بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىش روھى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي، ئىنچىكە چىڭ تۇتۇپ، ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ كۆلەملىك ھالدا قايتىدىن كۆپ پەيدا بولماسلىقىدىن ئىبارەت تۆۋەن چەكنى قەتئىي چىڭ ساقلاش كېرەك.

يېقىندا، مەملىكەت بويىچە توپلىشىش خاراكتېرلىك يەرلىك يۇقۇم كۆپ نۇقتا، كۆپ دائىرىدە پەيدا بولۇش، كۆپ پەيدا بولۇش ئالاھىدىلىكى كۆرۈلدى. جايلار بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي، ئىنچىكە چىڭ تۇتتى.

ئالدىنقى باسقۇچتا نۇقتىلىق رايونلارنى تەكشۈرۈش ئاساسىدا، شاڭخەي شەھىرى 3-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ، نۇقتىلىق بولمىغان رايونلاردا نۇكئېلىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈپ، بۆلەكلەشتۈرۈپ ۋە دائىرىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يوشۇرۇن تارقىلىش خېيىم-خەتىرىنى بايقاپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى توستى. شاڭخەي شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋۇ جىڭلېي مۇنداق دېدى: بىز پۈتۈن شەھەردىكى ھەر قايسى كوچا-بازارلارنىڭ خېيىم-خەتىرىنى باھالاپ دەرىجىگە ئايرىپ، ئوخشىمىغان خېيىم-خەتەر دەرىجىسىدىكى كوچا-بازارلارغا پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىپ، 3-ئاينىڭ 18-، 19-كۈنلىرى جەمئىي 21 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئەۋرىشكە ئالدۇق.

دېڭىز پورتى چېگرا ئېغىزىنى باشقۇرۇپ تىزگىنلەشتىكى قىيىن نۇقتا ۋە يوشۇرۇن خەتەرلەرگە قارىتا، شيامېن چېگرا تەكشۈرۈش باش پونكىتى سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇداپىئە لىنىيەسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى. خەيساڭ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى «ئىنتېرنېت قوشۇلغان» تېخنىكا ۋاسىتىسى ئارقىلىق، جۇڭگو چېگرا تەكشۈرۈشىنىڭ پاراخوتقا چىقىش كودىنى قوللىنىشنى كېڭەيتىپ، چېگرا ئېغىزىدا پاراخوتقا چىققۇچىلارنى «باشقۇرۇپ تىزگىنلەشتە» ئىشتىن بۇرۇن مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش، ئىش داۋامىدا تەكشۈرۈش، ئىشتىن كېيىن سۈرۈشتۈرۈشتىن ئىبارەت پۈتۈن جەريانلىق يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى. شيامېن چېگرا تەكشۈرۈش باش پونكىتى خەيساڭ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 1-ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى ۋاڭ بىنبىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئالدىدا، بىز پاراخوت شوتا ئېغىزىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئۆز ئالدىمىزغا تەتقىق قىلىپ ئاچتۇق، توردا ئىلتىماس قىلىش، شوتا ئېغىزىنى باشقۇرۇش، ئارقا سۇپىدا تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ھالقىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئارقىلىق، پاراخوتقا چىققۇچىلارنى يۇقۇم خېيىم-خەتىرى جەھەتتىن باھالاش ۋە باشقۇرۇشنى رەقەملەشتۈردۇق.

جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنتۇڭ شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تورىنى تېخىمۇ زىچ توقۇپ، باشقا جايلاردىن كەلگەنلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتتى. نەنتۇڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن دۇڭمېي مۇنداق دېدى: بىز 90 مىڭدىن ئارتۇق مىكرو دائىرە خادىمىنى تېزدىن تەشكىللەپ، مەھەللىدە ئىشىك چېكىش ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، كىچىك دائىرىلەرگە ئايرىپ، تورنى تېخىمۇ زىچ توقۇپ، ئۈچ دەرىجىلىك ئۇچۇر تەكشۈرۈش، ئىز قوغلاش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، مەھەللىدە بىرمۇ ئادەم، بىرمۇ ئائىلىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىقنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردۇق.

جايلار يۇقۇمنىڭ مەھەللىلەردە تارقىلىش ۋە سىرتقا كېڭىيىش خېيىم-خەتىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، تېخىمۇ ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللاندى. گەنسۇ ئۆلكىسى لەنجۇ شەھىرى باشقۇرۇپ تىزگىنلەش رايونى ۋە كونترول رايونىنى ئىلمىي بېكىتتى ھەم مىڭغا يېقىن ئادەمدىن بىرلەشمە ھەرىكەتچان گۇرۇپپا قۇرۇپ، يۇقۇم خېيىم-خەتىرى بار كىشىلەرنى ئايرىپ باشقۇرۇش ئۈچۈن ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردى. لەنجۇ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلىمى بويىچە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى چېن جىجۈن مۇنداق دېدى: كوچا باشقارمىسى، مەھەللە، جامائەت خەۋپسىزلىكى، بۈيۈك مەلۇمات قاتارلىقلارغا ئالاقىدار خادىملارنى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلىمى بويىچە تەكشۈرۈش قوشۇنىغا كىرگۈزۈپ، ھەر تەرەپلىمە، كەسپىي، كۆپ ئۆلچەملىك كىشىلەر توپىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەرىكەتچان تەكشۈرۈشنى كۈچلۈك قوللىدۇق.

جايلار ۋاكسىنا ئەملەش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملىدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جىڭ ناھىيەلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېيفاڭ مۇنداق دېدى: بىز ياشانغانلارنىڭ ۋاكسىنا ئەملەشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە «بىلىشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىش»ىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ۋاكسىنا ئەملەش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ياشانغانلارغا سەپەرۋەرلىك تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىپ، ياشانغانلارغا ۋاكسىنا ئەملەش  نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمىز.

ۋاكسىنا، تېز تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش دورىسى ۋە دورا تەتقىقاتى قاتارلىق پەن-تېخنىكا ئۆتكەللىرىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىمۇ داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى دائىرىسىدىكى بىيو تېببىي دورا كەسپىنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولغان گۇاڭجۇ تەرەققىيات رايونى رايون بىيو دورىگەرلىكىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا كۈچلۈك زەنجىر بولۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئانتىگېننى ئۆزى تەكشۈرۈش قوشۇلغان نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تېز تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش دورىسىنى تەتقىق قىلىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتتى. گۇاڭجۇ تەرەققىيات رايونى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ يۈن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، گۇاڭجۇ تەرەققىيات رايونىنىڭ ئانتىگېن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش دورا قۇتىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كۈنىگە 10 مىليون كىشىلىك، نۇكئېلىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش دورا قۇتىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كۈنىگە 5 مىليون كىشىلىك بولماقتا. كېيىنكى قەدەمدە، بىز داۋاملىق تىرىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ كۈچىنى قوشىمىز.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتماقتا

باش شۇجى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 17-كۈنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يېڭى تاجسىمان