ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ خەينەندە داۋاملىق خىزمەت تەكشۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-04-14 16:02

 شى جىنپىڭ خەينەندە خىزمەت تەكشۈرگەندە: ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دۇنياۋى تەسىر كۈچىگە ئىگە جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خەينەندە خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دۇنياۋى تەسىر كۈچىگە ئىگە جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، خەينەننى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق كۈتۈۋالايلى. شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە خەينەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شېن شياۋمىڭ، ئۆلكە باشلىقى فېڭ فېينىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سەنيا، ۋۇجىشەن، دەنجۇ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، دۆلەت باغچىسى، لىزۇلار كەنتى، پورت، پىرىستان قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. 4-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن سەنيا شەھىرى ياجۇ قولتۇقى پەن-تېخنىكا شەھەرچىسىگە جايلاشقان ياجۇ قولتۇقى ئۇرۇقچىلىق تەجرىبىخانىسىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شى جىنپىڭ پەن-تېخنىكا شەھەرچىسى يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشى ۋە تەجرىبىخانىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، تەجرىبىخانىنىڭ سۇپا بەرپا قىلىپ، ئۇرۇقچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ، خەينەن ئۆلكىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تىرەك بولۇش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چوڭ تىپتىكى ئەسۋابلار ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى، دەل جايىدا مولېكۇلا لايىھەلەش، سورت يېتىشتۈرۈش مەركىزىگە كىرىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگولۇقلار تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن، چوقۇم ئۇرۇقنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى چۆرىدەپ، ئۆتكەلگە مەركەزلىك ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇقچىلىق پەن-تېخنىكىسىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئۇرۇق مەنبەسىنى ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە جۇڭگونىڭ ئۇرۇقى ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پېشقەدەم يېزا ئىگىلىك پەن ـ تەتقىقات خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەتەننى قەلبىگە پۈكۈپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ئېسىل پەزىلىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇزۇن يىل كۈرەش قىلىش غەيرىتى بىلەن، يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە باتۇرلۇق بىلەن چىقىش كېرەك. ئارقىدىن شى جىنپىڭ جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان داشۆسىنىڭ سەنيا دېڭىز-ئوكيان تەتقىقات يۇرتىغا كېلىپ، دېڭىز -ئوكياننى كۆزىتىش ئۈسكۈنىسى ۋە ئۇچۇر مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە ئەمەلىي قوللىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، «شىنخەي 1-نومۇر» مەشغۇلات سۇپىسى بىلەن توردا ئالاقىلەشتى. ئالدىنقى سەپتىكى خىزمەتچى خادىملار باش شۇجىغا بىرىنچى سەپتىكى خىزمەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. شى جىنپىڭ ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئۇلارغا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىپ، سالامەتلىكىنى ئاسراشنى تاپىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دېڭىز-ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە. دېڭىز-ئوكيان پەن-تېخنىكىسىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجادىي، يېتەكچى پەن-تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇپ، نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىنى تىرىشىپ ئۆزىمىزنىڭ جابدۇقلىرى ئارقىلىق ئېچىپ، ئېنېرگىيە بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.  تەكشۈرۈش جەريانىدا، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ دېڭىز بويىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە ئۆزى بۇنىڭدىن 12 يىل ئىلگىرى تىككەن بىر تۈپ قارىغاينى ئوغۇتلاپ سۇغاردى.شى جىنپىڭ شۇ جايدىكى مەسئۇل يولداشلارغا قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش خىزمىتىنى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ ۋە ياخشى تۇتۇشنى تاپىلىدى. خەينەن ئۆلكىسىدە 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئارالدىن ئايرىلىش باج كەچۈرۈم سىياسىتى سىناق قىلىندى.4-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ سەنيا خەلقئارا باج كەچۈرۈم شەھەرچىسىگە كېلىپ، ئارالدىن ئايرىلىش باج كەچۈرۈم سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش، يولغا قويۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى.شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئۇللۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ياخشى بازار مۇھىتى ۋە قانۇنچىللىق مۇھىتى يارىتىپ، سەمىمىي تىجارەت قىلىش، ئەلا مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلىپ، جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. 4-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ خەينەن ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىدىكى ۋۇجىشەن شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. خەينەن ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى دۆلەت باغچىسى ئېلىمىزدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى بەش دۆلەت باغچىسىنىڭ بىرى. شى جىنپىڭ ۋۇجىشەن رايونىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ياغاچ ئاسما يولنى بويلاپ پىيادە مېڭىپ، باغچىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئۇ پات-پات توختاپ، دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۆسۈشى، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش، ھايۋانات، ئۆسۈملۈك بايلىقىنى قوغداش قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەينەن ئېكولوگىيەسى ئارقىلىق ئۆلكە قۇرۇشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئەڭ مۇھىم ئىش قىلىپ، ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنىنى قاتتىق قوغداپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، يېشىل تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دۇنياغا جۇڭگونىڭ دۆلەت باغچىسى قۇرۇلۇشى ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشتىكى مول نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىشى كېرەك. شۈيمەن يېزىسى ماۋنا كەنتى- ۋۇجىشەن شەھىرىدىكى لىزۇلار كەنتى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى.باش شۇجى شى جىنپىڭ كەنتكە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كەنت يولىنى بويلاپ ماڭغاچ كۆردى. لىزۇ كەنت ئاھالىسى ۋاڭ بەي ۋە بىر ئائىلە كىشىلىرى باش شۇجىنى ئۆيىگە باشلاپ قىزغىن كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ ھويلا، مېھمانخانا، ياتاق ئۆي قاتارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈردى، قولدا پىششىقلاپ ئىشلەش چايخانىسىدا چاي قورۇش ئەمگىكىگە قاتناشتى ھەمدە ئىككى خالتا چاي سېتىۋالدى.شى جىنپىڭ ئۇلارنى چاي تىجارىتىنى ياخشى قىلىپ، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا ئىلھاملاندۇردى.

 كەنت شىپاڭى ئاستىدا، شى جىنپىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق بىرىنچى شۇجىلار، يېزا-بازار، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقلىرى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، بېيىش باشلامچىلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، شۇ جاينىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىمى ئادەمگە تايىنىش كېرەك. سىياسىي جەھەتتە، ئىقتىدار جەھەتتە، ئىستىل جەھەتتە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، بېيىش باشلامچىلىرى، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە تۆھپە قوشۇشقا جەلپ قىلىش كېرەك. يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ كارىدورنى بويلاپ لىزۇلارنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە لىزۇلارنىڭ توقۇلما بۇيۇملىرى، پېلەك توقۇلمىلار قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆردى. مەيداندا لەرزان ناخشا، دۇمباق سادالىرى ياڭرىدى، كەنت ئاھالىلىرى بامبۇك ئۇسسۇلى ئويناپ يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى.شى جىنپىڭ سەمىمىيلىك بىلەن كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: لىزۇ يۇرتداشلارنى يوقلاپ كەلگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، سىلەرنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىڭلارنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم.بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، يەنە داۋاملىق ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى كۆزلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىمىز. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە كەسىپلەرنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈش ۋە ئېكولوگىيەنى كەسىپلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكى، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق كەسىپلەرنى داۋاملىق كۈچەيتىپ ۋە زورايتىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تۈپ باش مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، بارلىق زېھنىنى پۇقرالارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشكە سەرپ قىلىشى كېرەك.

4-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەينەن ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى دەنجۇ شەھىرىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. كۆرگەزمە سارىيىدا، شى جىنپىڭ ياڭپۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى ھەمدە تەرەققىيات رايونىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى، قۇرۇلۇش نەتىجىلىرى، كەلگۈسى پىلانى ۋە ماكانلاشقان كارخانىلارنىڭ نەتىجىلىرى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي كۆردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياڭپۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى خەينەن ئەركىن سودا پورتىدىكى باشلامچى رايون، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەينەننىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ياخشى يەكۈنلەپ، «جۇڭگو ياڭپۇ پورتى»غا تەۋە پاراخوتلار پورتى سىياسەت ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، ئالدىن يولغا قويۇشى، ئالدىن سىناق قىلىشى كېرەك.

ئارقىدىن شى جىنپىڭ ياڭپۇ خەلقئارا يۈك ساندۇق پىرىستانى شياۋچەنتەن پورت رايونىغا بېرىپ، پورت قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، نەق مەيداندا مەشغۇلات قىلىۋاتقان خادىملار، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىۋاتقان كادىرلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پورتلارنى گۈللەندۈرۈش، تىرانسپورت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ئورۇننى ياخشى ئىگىلەپ، ماسلىشىشچانلىقنى كۈچەيتىپ، يېشىل تەرەققىيات، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پورت تەرەققىياتى بىلەن ياڭپۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلىشى، بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، تەڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، غەربىي رايون قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى بەرپا قىلىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كادىرلارنى ئەركىن سودا پورتىغا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتتى، بۇ ھەم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە مەدەت بەرگەنلىكىنى نامايان قىلدى، ھەم كادىرلارغا نىسبەتەن تەربىيەلىنىش، چېنىقىش بولدى، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىدىغان كادىرلارنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

4-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەينەننىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، خەينەن ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، خەينەننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، خەينەننىڭ «تۆھپىنىڭ ماڭا مەنسۇپ بولۇشى شەرت ئەمەس» دېگەن روھىي مەنزىلى ۋە «تۆھپە قوشۇشتا مېنىڭ بولۇشۇم شەرت» دېگەن تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن، خەينەن ئەركىن سودا پورتىنى جۇڭگونىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلىدىغان گۈزەل ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى، ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىش ئىدىيەۋى تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى ۋە خەينەن ئەركىن سودا پورتى قانۇنىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، تۈزۈمدە توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، «مەركەز بىر تۇتاش پىلانلاش، تارماقلار قوللاش، ئۆلكىلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش»تىن ئىبارەت خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتىنى ئۆز قەرەلىدە ئارال بويىچە يېپىق باشقۇرۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.  پارتىيە رەھبەرلىكىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇمىيىتىدە تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ئويلاپ، ئىش بېجىرىپ، باشتىن ـ ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ خاراكتېرىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، زور خەۋپ-خەتەرنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بۇزۇش، ئورناتمىغۇچە بۇزماسلىقتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەينەننى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈپ چىقىش يولى. دىققەتنى ساياھەتچىلىك، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر، ئىسسىق بەلباغنىڭ ئۆزگىچە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە نەتىجىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنى بىر تۇتاش پىلانلاش، تاغ بىلەن دېڭىز ھەمتۈرتكە بولۇش، بايلىق يۈرۈشتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شەھەر-يېزا، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىللەتلىرىنى كۈچەپ تۈگىتىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىز، شەھەر-بازارلارنى ئېچىش چېگراسىدىن ئىبارەت ئۈچ كونترول سىزىقىنى قاتتىق ساقلاش كېرەك. شەھەر-يېزا ۋە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، دۆلەتنىڭ  خەينەن ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش پەن تەتقىقات سورت يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، تەبىئىي كاۋچۇك كەسپىنى يۆلەش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈزەش  ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، ئەڭ قاتتىق بولغان دېڭىزنى قورشاش، تىندۇرۇشنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش ۋە قىرغاق لىنىيەسىنى ئېچىش، باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى دۆلەت باغچىسى دۆلەت گۆھىرى، سۇ ئامبىرى، ئاشلىق ئامبىرى، پۇل ئامبىرى، تېخىمۇ مۇھىمى كاربون ئامبىرى، ئۇنىڭ دۆلەتكە بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، تىرىشىپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات قانچە چوڭقۇرلاشقان، ئېچىۋېتىش قانچە كېڭەيگەنسېرى، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى شۇنچە كۈچەيتىش كېرەك. غايە-ئېتىقاد تەربىيەسىنى ئىزچىل چىڭ، ياخشى تۇتۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، خەلقنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، سەمىمىي، لەۋزىدە تۇرىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلىش لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تېخىمۇ كۆپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئەل قەلبىنى ئىللىتىدىغان تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ جىددىي، قىيىن، غەم قىلىۋاتقان ۋە ئىنتىلىۋاتقان مەسىلىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ، كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك. يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرىنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتى ۋە شەھەر-يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش كۈرىشىنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، دېڭىزغا چېتىشلىق تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قاتتىق بولۇش باش رىتىمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيە نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەينەن چيۇڭيا زۇڭدۈي خاتىرە ئورنى، قىزىل ئاياللار قوشۇنى خاتىرە باغچىسى قاتارلىق قىزىل بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ،  پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل قان تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلارنى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن مېڭىنى قوراللاندۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئەسلىي مەقسەت-بۇرچنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «ئىقتىدار ۋەھىمىسى»، ئىقتىدار يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى كۈچەپ تۈگىتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك قاپلاش دائىرىسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يېڭى باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى توغرا ئىگىلەپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر تەستىقلاش، ئۆي-زېمىن ئېچىش، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش، تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر يەر شارىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر، بولۇپمۇ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.

چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلىبە. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە، سىرتتىن كىرىشنىڭ، ئىچكى جەھەتتە قايتىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇش، ھەرىكەتچان تۈگىتىشتە   چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئىنچىكە، پۇختا تۇتۇش كېرەك. بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىپ كېتىش روھىي ھالىتىنى يېڭىپ، ۋىرۇس ئۆزگىرىشىنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكىگە قارىتا ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، چېن شى، خې لىفېڭ ۋە مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى. 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ خەينەندە داۋاملىق خىزمەت تەكشۈردى

شى جىنپىڭ خەينەندە خىزمەت تەكشۈرگەندە: ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دۇنياۋى تەسىر