ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

20-قۇرۇلتاي ۋەكىلى خۇڭ جياگۇاڭ چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ روھىنى نامايان قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-09-29 10:16

پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە ماتور ياسىمىچىلىقى لىمىڭ شىركىتىنىڭ ئالىي تېخنىكى خۇڭ جياگۇاڭ ئاۋىياتسىيە ماتور ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە 20 نەچچە يىل تەتقىق قىلىپ، كوللېكتىپى بىلەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىشلەپچىقىرىش، ياساش جەريانىدىكى 500دىن ئارتۇق قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتەك بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغانلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلىدى.

خۇڭ جياگۇاڭ 20 نەچچە يىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، نەپىس پىششىقلاپ ئىشلەش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىستانوكنىڭ ئەركىن پىششىقلاپ ئىشلەش نەپىسلىك دەرىجىسىنى 0.08 مىللىمېتىردىن 0.02 مىللىمېتىرغا ئۆستۈردى. نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان، خۇڭ جياگۇاڭ بىلەپ چىققان ھەر خىل تىغلىق ئەسۋابلار نەچچە مىڭغا يەتتى، مەيلى قانداق زاپچاس بولسۇن، ئۇ مۇۋاپىق تىغلىق ئەسۋابلارنى تېپىپ پىششىقلاپ ئىشلىدى.

ئايروپىلان ماتورى ئايروپىلاننىڭ يۈرىكى، مۇھىم يۈك كۆتۈرۈش زاپچىسى بولغان ياپراقچىسىنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەش سۈپىتىگە قويۇلىدىغان تەلەپ ئىنتايىن يۇقىرى. خۇڭ جياگۇاڭ ۋە ئۇنىڭ ئەترىتىدىكىلەر كۆپ يىل تىرىشىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرى چاقلاش ياپراقچىسىغا ئىشلىتىلىدىغان ئالماس شارەك قورالنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، ئېلىمىزنىڭ ئاۋىياتسىيە موتورى ياپراقچىسىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.

جۇڭگو ئاۋىياتسىيە موتور ياسىمىچىلىقى لىمىڭ شىركىتى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ئىشخانىسى، تېخنىكا ئۇستازلىرى خىزمەت پونكىتى قۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلدى، نەچچە ئون مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، تېخنىكا تايانچىسى، پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارتى قول تۇتۇشۇپ ئوقۇتۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، زاپاس كەسپىي ياش ئىختىساسلىقلىرىنى ئەتراپلىق يېتىشتۈردى. خۇڭ جياگۇاڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كەسىپ ئىچى ۋە سىرتىدا 2000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق كىشىنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلىدى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

20-قۇرۇلتاي ۋەكىلى خۇڭ جياگۇاڭ چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ روھىنى نامايان قىلدى

جۇڭگو ئاۋىياتسىيە موتور ياسىمىچىلىقى لىمىڭ شىركىتى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ئىشخانىسى، تېخنىكا ئۇستازلىرى خىزمەت پونكىتى قۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلدى،