ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيە يېقىندا كەلگۈسى مۇناسىۋەت ھەققىدە ھاسىل قىلغان كېلىشىمى 2021-يىلىدىن باشلاپ ۋاقىتلىق ئىجرا قىلىنىدۇ
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى فىشېر 28-دېكابىر ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى كېلەر يىلى (2021-يىلى) 1-يانۋاردىن باشلاپ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيە يېقىندا كەلگۈسى مۇناسىۋەت توغرىسىدا ھاسىل قىلغان كېلىشىمنى ۋاقىتلىق ئىجرا قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياۋروپا پارلامېنتىغا كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا يىغىن ئېچىپ بۇ كېلىشىمنى قاراپ چىقىشقا سۇندى.