ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

20 دۆلەت گۇرۇھى سەھىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا «رىم كېلىشىمى» ماقۇللاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-07 17:32

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

20 دۆلەت گۇرۇھى سەھىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىتالىيەنىڭ رىم شەھىرىدە يېپىلدى. يىغىندا بىرلەشمە بايانات، يەنى «رىم كېلىشىمى» ماقۇللاندى. ھەرقايسى تەرەپلەر ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ داۋالاش سىستېمىسىنى كۈچەيتىشىگە كۈچ چىقىرىپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق ئارقىلىق يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىپ، ۋاكسىنىغا ئادىل ئېرىشىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى.

20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى ئىتالىيەنىڭ سەھىيە مىنىستىرى سپېلانزا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر «يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى يولغا قويۇش پىلانى» ئارقىلىق، ئەڭ ئاجىز دۆلەتلەرنى ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەشكە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشكە ۋەدە بېرىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

20 دۆلەت گۇرۇھى سەھىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا «رىم كېلىشىمى» ماقۇللاندى