ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ترۇدو سۆز قىلىپ: قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەردىن قورقۇپ قالمايمىز، دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:帕提古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-02-02 10:39

ئالدىنقى ئاينىڭ 28-كۈنىدىن بۇيان، كانادانىڭ پايتەختى ئوتتاۋادا ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتى قوزغالدى، نەچچە مىڭ يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى ۋە باشقا ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر پايتەخت شەھەر مەركىزىدىكى پارلامېنت بىناسىغا يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى مەجبۇرىي ئەملەش قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چەكلەش تەدبىرلىرىگە ئېتىراز بىلدۈردى.

 رېيتىر ئاگېنتلىقى، كانادا «دۆلەتلىك پوچتا گېزىتى» قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا زۇڭلىسى ترۇدو 1-ئاينىڭ 31-كۈنى بۇ خىل ئېتىراز بىلدۈرۈش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ھەمدە ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەردىن قورقۇپ قالمايمەن دېگەن. ئەمما، كانادا رادىيو شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتى يۈز بەرگەندە، بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، ترۇدو ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئالدىنقى ئاينىڭ 29-كۈنى ئوتتاۋادىكى تۇرالغۇسىدىن شۇ جايدىكى بىر مەخپىي جايغا يۆتكەلگەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有