ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«رۇسىيە گېزىتى» تور بېكىتىدە «پۇتىننىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە بەرگەن باھاسى» دېگەن تېمىدا ئوبزور ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:阿曼古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-02-04 10:04

رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان گېزىتى «رۇسىيە گېزىتى» تور بېكىتىدە شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى «پۇتىننىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە بەرگەن باھاسى» دېگەن تېمىدا ئوبزور ئېلان قىلىندى. ماقالىدا روسىيە زوڭتۇڭى پۇتىن جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش ئالدىدا جۇڭگو مەركىزى رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى شېن خەيشيۇڭنىڭ يازما مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتتە «ئادىل رىقابەتلىشىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.

 بۇ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ تاراتقۇ ئاپپاراتى بولغان مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى شېن خەيشيۇڭنىڭ زىيارىتىنى ئىككىنچى قېتىم قوبۇل قىلىشى. پۇتىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى باراۋەرلىك ۋە ئىدېئولوگىيەلەشتۈرمەسلىك ئاساسىدا تەرەققىي قىلىدۇ. بىزنىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىمىز مۇقىم، مۇستەقىل قىممەتكە ئىگە، ئۇ سىياسىي تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ، ھەرقانداق ئادەمگە قارىتىلمايدۇ. بۇ خىل مۇناسىۋەت بىر-بىرىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى ئويلىشىش، خەلقئارا قانۇن ۋە «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيىسى» گە رىئايە قىلىش ئاساسىغا قۇرۇلغان. پۇتىن: «سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئىككى دۆلەتنى ئۈنۈملۈك كۆپ قاتلاملىق دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىق رامكىسى ئورنىتىشقا مەجبۇر قىلىدۇ»دەپ تەكىتلىدى.

 رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 2-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىدۇ ھەمدە قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى ئېنىق بىلدۈردى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش-ئىككى دۆلەتنىڭ تەنتەربىيە ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىدىكى شەرەپلىك ئەنئەنىنىڭ ئوڭۇشلۇق داۋاملىشىشى. ئەمەلىيەتتە، «ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئۆزئارا زىيارەت قىلىش» رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ئەنئەنىسىگە ئايلانغان. 2008-يىلى، شۇ چاغدىكى رۇسىيە زۇڭلىسى پۇتىن جۇڭگوغا كېلىپ بېيجىڭ يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان؛ 2014-يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ رۇسىيەگە بېرىپ سوچى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. ئارقىدىن، تەنتەربىيە تېمىسى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ «ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن باشقا تېمىدىكى ئالاقىسى» جەريانىدا ئۈزلۈكسىز يۈكسەلگەن. 2018-يىلى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە تيەنجىندە رۇسىيە-جۇڭگو ياش-ئۆسمۈرلەر مۇز توپ مۇسابىقىسىنى كۆردى، ئىككى تەرەپ قىشلىق تەنھەرىكەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

 رۇسىيە زۇڭتۇڭى بۇ قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنىڭ ئىككى دۆلەت تەنتەربىيە ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولمايدىغانلىقىغا، ئىككى دۆلەتنىڭ تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ يەنە داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ زورىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«رۇسىيە گېزىتى» تور بېكىتىدە «پۇتىننىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە بەرگەن باھاسى» دېگەن تېمىدا ئوبزور ئېلان قىلىندى

رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان گېزىتى «رۇسىيە گېزىتى» تور بېكىتىدە شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى «پۇتىننىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە بەرگەن باھاسى» دېگەن تېمىدا ئوبزور ئېلان قىلىندى.