ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش خەتىرى زورايدى، ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالى ئۈمىدسىزلىككە تولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-22 10:08

ئېنېرگىيە باھاسى ۋە تۇرمۇش تەننەرخىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىشى ئاممىغا زور بېسىم پەيدا قىلغانلىقتىن، يېقىندا ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلاش ۋە نامايىش يۈز بەردى، بۇ بىر تەرەپتىن ياۋروپانىڭ نۆۋەتتىكى كەسكىن ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى ئەكس ئەتتۈردى.

ئېنېرگىيە كىرىزىسى بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان، پۇل پاخاللىقى سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقان ئەھۋالدا، ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالى يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 10-ئايدا ياۋرو رايونىنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى يىللىق نىسبەت بويىچە ھېسابلىغاندا %10.7 كە يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان، ياۋرو رايونىدىكى 19 ئەزا دۆلەتنىڭ 11 سىنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى ئىككى خانىلىق سانغا يەتكەن.

بىر تەرەپتىن يۇقۇم تەمىنلەش زەنجىرىدىكى قىيىنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىستېمالچىلار باھاسىنى ئۆرلىتىۋەتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىن بۇيان، ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان كۆپ ساھەدىكى جازاسى داۋاملىق كۈچەيدى.

بۇنىڭ تەسىرىدە، رۇسىيەنىڭ ياۋروپاغا بولغان ئېنېرگىيە ئېكسپورتى تۆۋەنلەپ، ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، تەمىنات زەنجىرى تېخىمۇ زور بېسىمغا ئۇچرىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىمپورت تاۋارلىرى، بولۇپمۇ ئىمپورت مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى، ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھېسابلىنىدىغان ھالقىلىق خام ماتېرىياللارنىڭ باھاسى تېخىمۇ ئۆرلىدى، بۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىدە پۇل پاخاللىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

ئەمەلىيەتتە، باھا بېسىمى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەرگە يامراپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتتى.

ئېنېرگىيە باھاسى ۋە مال باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىگەچكە، ياۋروپا ئائىلىلىرىنىڭ توك ھەققى، يېقىلغۇ گاز ھەققى ۋە يېمەكلىك چىقىمى زور دەرىجىدە ئاشتى.

تۇرمۇش تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشى خەلق ئاممىسىنىڭ ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇپ، ياۋروپانىڭ ئىستېمال ئىستىقبالىغا تەسىر يەتكۈزدى.

گوللاندىيە خەلقئارا گۇرۇھىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا يېقىنلاشقان، يېقىنقى بىر نەچچە پەسىلدە پارچە سېتىش سوممىسى تۆۋەنلەشكە يۈزلەنگەن.

ئېنېرگىيە كىرىزىسى ۋە يۇقىرى پۇل پاخاللىقى ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىنى داۋاملىق ناچارلاشتۇرۇۋەتتى.

ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى ياۋروپا سانائىتىگە ئېغىر زەربە ئېلىپ كەلدى، ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئىستىقبالىنىڭ ئېنىقسىزلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، مەبلەغ سېلىش مۆلچەرىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاجىزلىدى.

تەبىئىي گاز ۋە توك باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىگەچكە، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئېنېرگىيەنى كۆپ تەلەپ قىلىدىغان نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتى كېمىيىپ كەتتى، ھەتتا ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىدى، پولات - تۆمۈر، ئەينەك، قەغەزچىلىك، خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىق كەسىپلەر تېخىمۇ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى.

گېرمانىيە كېل دۇنيا ئىقتىسادى تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىستېفان كوتس: ئىقتىسادىي تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، «بىر مەيدان قار كۆچكۈنى» يېتىپ كەلمەكتە، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن رەئىسى دومبروۋسكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقى تۇرمۇش تەننەرخىنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە تەستە تاقابىل تۇرۇۋاتىدۇ، كارخانىلار رىقابەت كۈچىنى يوقىتىۋاتىدۇ، كېلەر يىلى ئىقتىسادنىڭ ئىستىقبالى ئاجىزلىشىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى 2022-يىللىق كۈزلۈك ئىقتىسادىي مۆلچەر دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياۋرو رايونى ۋە كۆپ ساندىكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى بۇ يىل 4 - پەسىلدە چېكىنىدۇ، كېلەر يىلى 1 - پەسىلدە ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر داۋاملىق ئازىيىدۇ، دېدى.

 

تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش خەتىرى زورايدى، ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالى ئۈمىدسىزلىككە تولدى

ئېنېرگىيە باھاسى ۋە تۇرمۇش تەننەرخىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىشى ئاممىغا زور بېسىم پەيدا قىلغانلىقتىن، يېقىندا ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلاش ۋە نامايىش يۈز بەردى،