ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«جۇڭگو لايىھەسى» قاتار دۇنيا لوڭقىسى ئاساسىي تەنتەربىيە مەيدانىغا مۇستەھكەم تىرەك بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-29 13:41
«جۇڭگو لايىھەسى»، «جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى» دۇنيا سەھنىسىدە قەد كۆتۈردى، «جۇڭگو تۆھپىسى» بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇردى.
قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى، يېپىلىش مۇراسىمى قاتارلىق مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان ئاساسىي تەنتەربىيە مەيدانى لۇسەيىل تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى جۇڭگو كارخانىسى تاماملىغان، بۇ تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك ئاساسىي گەۋدە پولات قۇرۇلمىسى ۋە ئۆگزە ئارقان پەردە قۇرۇلمىسىمۇ جۇڭگو لايىھەلىگۈچىلىرىنىڭ قولىدىن چىققان.
ئاساسىي گەۋدە پولات قۇرۇلمىسى ۋە ئۆگزە ئارقان پەردە قۇرۇلمىسى لۇسەيىل تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ پولات گەۋدىسى. ئۇ كىشىگە گۈزەللىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يېتەرلىك بەرداشلىق بېرىش كۈچىگە ئىگە بولۇش شۇنداقلا ئىقتىسادچانلىقىغىمۇ تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلەتتى. لايىھەلەشتىكى بۇ مۇرەككەپ قىيىن مەسىلىنى بېيجىڭدىكى بىر كارخانا ھەل قىلدى، ئۇلار ئىلگىرى لايىھەلىگەن بېيجىڭ ئىشچىلار تەنتەربىيە مەيدانى، پايتەخت تەنتەربىيە سارىيى، ۋۇكېسۇڭ تەنتەربىيە سارىيى، دۆلەتلىك تەنتەربىيە سارىيى، دۆلەتلىك تېز تېيىلىش سارىيى «مۇز يىپەك لېنتىسى»، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك كەنتى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ئاممىغا تونۇشلۇق.
بېيجىڭ شەھەرلىك ئىمارەت لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى جۇ جۇڭيى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئاساسىي گەۋدە پولات قۇرۇلمىسى ۋە ئۆگزە ئارقان پەردە قۇرۇلمىسى-لۇسەيىل تەنتەربىيە مەيدانىدىكى ئەڭ مۇرەككەپ سىستېما. ئارقان پەردە قۇرۇلمىسىنى لايىھەلەشكە قارىتا، كوللېكتىپىمىز بىر يۈرۈش ئۇنىۋېرسال شەكىل ئانالىز ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، ئارقان پەردە قۇرۇلمىسىنىڭ ئورنى، شەكلىنى قۇرۇلۇش تەلىپىگە قاتتىق ماسلاشتۇرۇپ، كۆپ خىل ئىش ھالىتىدىكى سىزىقلىق ھېسابلاش ئانالىزى قىلغاندىن كېيىن، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ھالقىلىق تېخنىكىسىنى شەكىللەندۈردى.
تەنتەربىيە مەيدانى ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ پولات قۇرۇلمىسىنى لايىھەلەش جەريانىدا، بۇ كوللېكتىپ بىر يۈرۈش پارامېتىرلاشتۇرۇلغان مودېل ياساش تەرتىپىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، كۆپ خىل لايىھە تەتقىقاتىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە قانات يايدۇردى. جۇڭگولۇق لايىھەلىگۈچىلەر ئوتتۇرىغا قويغان «ئەگرى سىزىقلىق V تۈۋرۈكى» قۇرۇلما لايىھەسى نەپىس بولغان ئىمارەتنىڭ كۆرۈنۈش ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىپ، ئىقتىدار تەلىپىنى قاندۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە 12 مىڭ توننا پولاتنى تېجەپ قېلىپ، پولات قۇرۇلمىنىڭ پۈتۈش باھاسىنى تەخمىنەن %40 ئازايتتى.
جۇ جۇڭيى مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: لۇسەيىل تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ قۇرۇلما سىستېمىسى مۇرەككەپ بولغاچقا، كوللېكتىپىمىز لايىھەلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن ئاخىرىدىكى سېلىشقىچە بولغان پۈتكۈل جەريانغا BIM يەنى ئىمارەت ئۇچۇر مودېلى تېخنىكىسىنى ئىشلەتتى. BIM سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ۋە ئېلىمىزدە مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ چىقىلغان مەشغۇلات تەرتىپى ئاساسىدا، BIM مودېل ياساش ۋە رەسىم چىقىرىش ئۈنۈمى ئەنئەنىۋى ۋاستىدىن %80 يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. كۆرۈنمە ئۈچ ئۆلچەملىك مودېل بىلەن ئەنئەنىۋى ئىككى ئۆلچەملىك چېرتيوژنىڭ بىرلا ۋاقىتتا تاپشۇرۇلۇشى لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىشقا غايەت زور قولايلىق يارىتىپ بەردى.
جۇ جۇڭيى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت ئىچىدە مۇنەۋۋەر ئىمارەت قۇرۇلۇشلىرى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا سەھنىدە «جۇڭگو لايىھەسى»نىڭ سىماسى يەنىلا ناھايىتى ئاز، لۇسەيىل تەنتەربىيە مەيدانى جۇڭگولۇق لايىھەلىگۈچىلەر «سىرتقا چىقىرىش» ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «جۇڭگو لايىھەسى» داڭلىق ماركىسىنى يارىتىشتا باسقان مۇھىم ھەم پۇختا بىر قەدەم.
جۇ جۇڭيى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: چەتئەل تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىش-ئۈزلۈكسىز ماسلىشىش، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش جەريانى. تۈرگە خېرىدار بولۇش باسقۇچىدا، بېيجىڭ شەھەرلىك ئىمارەت لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتى چەكلىك شىركىتىنىڭ كوللېكتىپى يەتتە خىلدىن يۇقىرى قۇرۇلمىسى سەرخىل لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر بىر لايىھەنى تەپسىلىي ھېسابلاپ، چەتئەل تەرەپتە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. خېرىدار بولغاندىن كېيىن، كوللېكتىپىمىز بېيجىڭ ۋە دوھادىكى ئىككى لايىھەلەش گۇرۇپپىسىدا ۋاقىت پەرقىدىن ھالقىپ، 24 سائەت ئۈزلۈكسىز كۈچ ئۇلاپ بىر ئاي خىزمەت قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر رازى بولغۇدەك لايىھەنى ۋاقتىدا تاپشۇردى.
خىزمەت مەزگىلىدە، بېيجىڭ شەھەرلىك ئىمارەت لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتى چەكلىك شىركىتىنىڭ كوللېكتىپى چەتئەل تەرەپكە ئۆزلىرى لايىھەلىگەن بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمى، «جۇڭگو تيەنيەن»  500 كالبىرلىق شار يۈزلۈك رادىيو تېلېسكوپ قاتارلىق نادىر ئەسەرلىرىنى نامايان قىلىپ، ئەمەلىي خىزمەت سەۋىيەسى، پوزىتسىيەسى ۋە ئۈنۈمى ئارقىلىق چەتئەل تەرەپنى تەسىرلەندۈردى.    ئارقىدىن، ھەر قېتىم مۇھىم يىغىن ئېچىلغاندا، تەنتەربىيە مەيدانىنى باشقۇرغۇچى ئورۇننىڭ ھەممىسى جۇڭگولۇق لايىھەلىگۈچىلەرنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىسى بارغانسېرى راۋانلىشىپ، ئاخىرىدا تەنتەربىيە مەيدانىنى ئىشلىتىشكە يۇقىرى سۈپەتتە تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىندى.
جۇ جۇڭيى مۇنداق دېدى: قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ناھايىتى قالتىس بولدى، لېكىن، مېنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇرغىنى شۇكى، «جۇڭگو لايىھەسى»، «جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى» دۇنيا سەھنىسىدە قەد كۆتۈردى، «جۇڭگو تۆھپىسى» بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇردى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«جۇڭگو لايىھەسى» قاتار دۇنيا لوڭقىسى ئاساسىي تەنتەربىيە مەيدانىغا مۇستەھكەم تىرەك بولدى

جۇ جۇڭيى مۇنداق دېدى: قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ناھايىتى قالتىس بولدى، لېكىن، مېنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇرغىنى شۇكى، «جۇڭگو لايىھەسى»، «جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى» دۇنيا سەھنىسىدە قەد كۆتۈردى