ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

فىرانسىيە ئېنېرگىيە كەمچىل بولۇش خىرىسىغا دۇچ كەلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-30 08:59
بۇ يىل 10-ئايدا، فىرانسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالىدا بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك قىسقىراش كۆرۈلدى: فىرانسىيە ئېلېكتىر تورى ۋە تەبىئىي گاز تىجارەت سودىگەرلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 10-ئايدا ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىستېمالى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.9، تەبىئىي گاز ئىستېمالى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45 ئازايغان. فىرانسىيە تاراتقۇلىرى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: نۆۋەتتە ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ ئازىيىشى ھەم ئوخشاش مەزگىلدىكى ھاۋانىڭ ئىللىشى، ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھەم فىرانسىيە ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان بىر يۈرۈش ئېنېرگىيە تېجەش تەدبىرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
فىرانسىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا ئاممىۋى تارماقلار، قاتناش، كۈندىلىك تۇرمۇش قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدىغان مەملىكەتلىك ئېنېرگىيە تېجەش پىلانىنى يولغا قويدى. زۇڭلى بورنې مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ پىلاننىڭ مەقسىتى «زۆرۈر بولمىغان ئېنېرگىيە ئىسراپچىلىقىنى ئازايتىش»، ئاخىرىدا كەلگۈسى ئىككى يىل ئىچىدە مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە ئىستېمالىنى %10 ئازايتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. ئۇ ئەگەر فىرانسىيە ئېنېرگىيە تېجەش ھەرىكىتى قوللانمىسا، قىش پەسلىدە ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش توختاپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى «ھەر ھەپتىدە توك ۋە تەبىئىي گاز سەرپىيات مىقدارىنى ئېلان قىلىش»نى، كۆرۈنمە سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ئازايتىشنىڭ ھەقىقىي ئىشقا ئاشقان-ئاشمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئېنېرگىيە تېجەش پىلانىنىڭ ئاممىۋى تارماقلارغا قارىتىلغان بەلگىلىمىسى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: تۇرالغۇ، مائارىپ ئاپپاراتلىرى ۋە ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تېمپېراتۇرىسى 19 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئاشخانا، تەنتەربىيە سارىيى قاتارلىق سورۇنلاردا خېرىدار يوق چاغدا ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تېمپېراتۇرىسى 17 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈرۈلۈشى، ئاممىۋى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ۋە دېڭىز سۈيىدە يۇيۇنۇش مەركىزىنىڭ سۇ تېمپېراتۇرىسى بىر سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەنلىتىلىشى كېرەك؛ تەنتەربىيە مۇسابىقە مەيدانلىرىدا، كۈندۈزدىكى مۇسابىقىنىڭ ئالدى -كەينىدىكى يورۇتۇش ۋاقتى %50، كەچتىكى مۇسابىقىنىڭ %30 قىسقارتىلىدۇ؛ ھۆكۈمەت بۇنىڭدىن ئىلگىرى يولغا قويغان يورۇتۇشنى ئازايتىش پىلانى داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ، ئايرودۇرۇم، ۋوگزال ۋە مېترو بېكىتىدىن باشقا جايلاردا، سەھەر سائەت 1 دىن 6 گىچە بارلىق يورۇتۇش ئېلانلىرى چەكلىنىدۇ.
يېڭى پىلاندا يەنە خەلق ئاممىسىنىڭ يىراق مۇساپىلىك ئىش بېجىرىشىگە ئىلھام بېرىلىپ، قاتناش ئېلىپ كېلىدىغان ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئازايتىلدى. فىرانسىيە قاتناش مىنىستىرلىقى 2023-يىلىدىن باشلاپ ھەر بىر بىرلىشىپ كىرا قىلىش ئاپتوموبىل سۇپىسىدىكى يېڭى ئابونتلارغا بىر قېتىمدىلا 100 ياۋرو ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىدۇ، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئاپتوموبىللىرىنىڭ يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولدىكى ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 130 كىلومېتىردىن 110 كىلومېتىرغا تۆۋەنلىتىلىدۇ. پىلاندا يەنە ئاممىنى ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش ۋاقتىنى ئازايتىپ، كېچىدە ئىشلەتمىسىمۇ توكقا چېتىق ھالەتتە تۇرغان ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئۈزۈل-كېسىل تاقاش، بىر قىسىم يۇقىرى سەرپىياتلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش ۋاقتىنى توك ئىشلەتمەيدىغان يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە ئورۇنلاشتۇرۇش مۇراجىئەت قىلىندى.
فىرانسىيەدە چىقىدىغان «سادا گېزىتى»دە، ئېنېرگىيە تېجەش پىلانى پۈتۈن جەمئىيەتكە بولغان بىر قېتىملىق «كوللېكتىپ سەپەرۋەرلىك» بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھەرىكىتىدە قانچىلىك دەرىجىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايدۇ، بۇنى يەنىمۇ كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ، دەپ كۆرسىتىلدى.
 تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

فىرانسىيە ئېنېرگىيە كەمچىل بولۇش خىرىسىغا دۇچ كەلدى

فىرانسىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا ئاممىۋى تارماقلار، قاتناش، كۈندىلىك تۇرمۇش قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدىغان مەملىكەتلىك ئېنېرگىيە تېجەش پىلانىنى يولغا قويدى