رۇسىيە: ئۇكرائىنالىق خادىملار ۋە چەتئەللىك ياللانما ئەسكەرلەرگە زەربە بەردۇق، دېدى. ئۇكرائىنا: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇسىيە بىلەن داۋاملىق ئۇرۇش قىلدى، دېدى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى كۇپيانسك، قىزىل لىمان، دونتسىك قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئۇكرائىنالىق خادىملار ۋە چەتئەللىك ياللانما ئەسكەرلەرگە زەربە بېرىپ، بىرونېۋىك، ئامېرىكىدا ياسالغان توپچىلارغا قارشى رادار قاتارلىق ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ قورال-ياراق ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرىنىڭ باش ئىشتابى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى باخمۇتتا رۇسىيە بىلەن داۋاملىق ئۇرۇش قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى، توپچىلار قىسىمى يەنە رۇسىيەنىڭ ئادەم كۈچى ۋە قورال-ياراق مەركەزلەشكەن رايون قاتارلىق نىشانلارغا زەربە بەردى.
تەرجىمان: دىلناز تۇرسۇن