ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىنىڭ سودا ئۇرۇشى نۇرغۇن زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-17 08:45

ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» يېقىندا ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا قوزغىغان سودا ئۇرۇشى بىر مەيدان «ئېشىكى ئۈچ تەڭگە، توقۇمى بەش تەڭگە ئويۇنى» بولۇپ، پايدىنىڭ زىياننى قاپلىيالمايدىغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ دېدى. ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى پېتېرسون خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسىمۇ ئامېرىكىنىڭ سودا سىياسىتىنى «نۆل يىغىندىلىق ئىقتىسادشۇناسلىق»نىڭ بىر قىسمىغا تەۋە قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان سودا دۈشمەنلىكى كۆپ يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىنى غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرگەن سىياسەتنى كەينىگە ياندۇرۇۋېتىشى، نەتىجىسى ئەكسىچە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دەپ قارىدى. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئامېرىكىنىڭ سودا سىياسىتىدىكى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان، ئۆزىمۇ پايدا ئالالمايدىغان ئەقىلگە قارشى ماھىيىتى بارغانسېرى كۆپ ئويلىنىشنى قوزغىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا جازالاش كالتىكىنى خالىغانچە پۇلاڭلىتىپ، ئامېرىكا كەسىپلىرىنىڭ سىرتقا تايىنىش دەرىجىسىنى ئۆزگەرتمەيلا قالماستىن، ياسىمىچىلىقنىڭ ئامېرىكىغا قايتىشىنى قىيىنلاشتۇرۇپ، يەر شارى تەمىنات زەنجىرىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ ۋە ئاجىزلاشتۇرۇپ، يەر شارى ئىقتىسادىغا چوڭقۇر زىيان يەتكۈزدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭمۇ تەننەرخى ئېشىپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە رىقابەت كۈچى تۆۋەنلەپ، ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دۇنيا ئىقتىسادى يۈكسەك دەرىجىدە يۇغۇرۇلغان بۈگۈنكى كۈندە، ھەرقانداق دۆلەت ئۆزىگىلا تايىنىپ ئۇزاققىچە تەرەققىي قىلالمايدۇ. مەيلى «ئېشىكى ئۈچ تەڭگە، توقۇمى بەش تەڭگە ئويۇنى» بولسۇن ياكى «نۆل يىغىندىلىق ئىقتىسادشۇناسلىق» بولسۇن، ھەممىسى ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشتەك دۇنياۋى ئورتاق تونۇشقا زىت بولۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەر ئۇتتۇرۇپ قويۇشتەك يامان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى جەمئىي 3900 دىن ئارتۇق جازالاش تەدبىرىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە ئۈچتىن توغرا كەلگەن. بايدىن ھۆكۈمىتى تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سودا سىياسىتىنى داۋاملاشتۇردى، يەنە قوشما ئىشتات ھۆكۈمىتى سېتىۋالغان «ئامېرىكا ماللىرى»دا ئىشلىتىلگەن ئامېرىكىدا ياسالغان زاپچاسلارنىڭ نىسبىتىنى %75 كە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ-70 يىلدىن بۇيانقى «ئامېرىكا ماللىرىنى سېتىۋېلىش» سىياسىتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش. بۇ ئۇسۇللار روشەن سودا قورۇقچىلىق تۈسىگە ئىگە بولۇپ، يەر شارىنىڭ سودا ئىشەنچىسىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. ئامېرىكىنىڭ «نۆل يىغىندىلىق ئىقتىسادشۇناسلىق»نى رېئال ئىقتىساد ساھەسىدە ئىشقا ئاشۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتتىكى لوگىكا بىر بولسا قوش يېڭىش، بىر بولسا قوش يېڭىلىش بولۇپ، بىر تەرەپ يېڭىپ يەنە بىر تەرەپ ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجە مەۋجۇت ئەمەس. ياپونىيە كانون يەر شارى ئىستراتېگىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقات مۇدىرى سېگۇچى كىيويۇكى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا نۆل يىغىندىلىق تەپەككۇرنى ئىقتىسادتا ئىشلىتىپ، تۈرلۈك چەكلەش تەدبىرلىرى ئارقىلىق، باشقىلارنى تىزگىنلەش، ئۆزى غەلىبە قىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولسا، ئاخىرىدا چوقۇم ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ.

ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئەگەر ئامېرىكا تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ قارشى تەدبىر قوللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، يەر شارىنىڭ سودا تەننەرخى %10 ئۆرلەپ، يەر شارىنىڭ سودا مىقدارى %6 ئازىيىپ كېتىدىكەن. ئامېرىكا بىرۇكىڭس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر يەر شارىدا ئېغىر سودا ئۇرۇشى پارتلىسا، دۇنيا ئىقتىسادىدا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى چوڭ كاساتچىلىق قايتا پەيدا بولىدىكەن.

ئامېرىكىنىڭ سودا ئۇرۇشى قوزغاشتىن ئىبارەت ناچار ئۇسۇلى ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە خىلاپ بولۇپ، يەر شارىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق يىلتىزىنى چىرىتىدۇ. نۆۋەتتىكى يەر شارى كەسىپ ئەندىزىسى-خەلقئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ سېلىشتۇرما ئۈستۈنلۈك پىرىنسىپىنى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرگەن، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ ئۈستۈنلۈكىگە ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىپ، ئۆز ئارا سودىدىن پايدىغا ئېرىشىدۇ. ئىقتىسادىي پائالىيەت دۆلەت چېگراسى ۋە رايوندىن ھالقىپ، يەر شارىلاشتۇرۇش دەۋر پايدىسى بىلەن تەمىنلەپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ بىر-بىرىگە تايىنىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى. سىنگاپور دۆلەتلىك داشۆسى لى گۇاڭياۋ ئاممىۋى سىياسەت شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى گۇ چىڭياڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا ئادىل رىقابەتلىشىش پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىپ، «نۆل يىغىندىلىق ئىقتىسادشۇناسلىق»نى يولغا قويدى، بۇ-يەر شارىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا زىت. ئامېرىكىنىڭ ئىدېئولوگىيە ۋە خەلقئارا رايون سىياسىيسىنى چىقىش قىلىپ، سودا قورۇقچىلىقى سىياسىتى ۋە «قولىنى ئۇزۇن سوزۇپ خالىغانچە باشقۇرۇش» تەدبىرى ئارقىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى بازار ئىگىلىكى پىرىنسىپىغا خىلاپ. ئامېرىكا يەر شارىسىزلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنى ئۆزى قامدايدىغان ئىقتىسادقا قايتىش خىيىم-خەتىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ باش ئىقتىساد ئوبزورچىسى مارتىن ۋۇلىف «سودا ئۇرۇشى قىلسا، ئېشىكى ئۈچ تەڭگە، توقۇمى بەش تەڭگە بولىدۇ» دېگەن تېمىدا ئوبزور ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: دۇنيا سودىسىنىڭ ئاستىلىشى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ «ئىقتىسادىي مىللەتچىلىك»كە مۇراجىئەت قىلىشى، شۇنداقلا غەرب، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئەۋج ئالغان «ئالاقىنى ئۈزۈش» قىلمىشى يەر شارى ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزمەكتە. بۇ-ئېنىقكى بىر زور بۇرۇلۇش، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇزغۇنچىلىق تۈسىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا سودا ئۇرۇشىدىن ئىبارەت ناچار ئۇسۇلى ئارقىلىق، «يەر شارىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى زىيانغا ئۇچرىتىش»قا پەرۋا قىلماي، خەلق تۇرمۇشى بەخت-سائادىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، يەر شارى ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مالىيە-ئىقتىساد مۇتەخەسسىسى ۋەلىد يۈسۈف مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكىنىڭ ياسىمىچىلىقنى قايتۇرۇپ كېلىش سىياسىتى گەرچە بۇ دۆلەتتىكى قىسمەن ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ بەدىلى بايلىقنى تۆۋەن ئۈنۈملۈك تارماقلارغا خاتا سەپلەش بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن كەسىپ زەنجىرىنى بويلاپ تۆۋەنگە چېكىنىشكە سەۋەبچى بولىدۇ، بۇ-ئىقتىسادىي تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە يۈك بولۇپ قالىدۇ. ياسىمىچىلىقنى قايتۇرۇپ كېلىش-تەننەرخنى ئاشۇرۇۋېتىپ، مۇقەررەر ھالدا مەھسۇلات باھاسىنى ئۆرلىتىپ، رىقابەت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. قايتۇرۇپ كەلگەن كەسىپلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ كاپالىتى-ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىش ياكى ئىستىمالچىلار ھېسابات قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، بۇلارنىڭ ھەممىسى باج تاپشۇرغۇچىلار ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. دۇنياغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ سودا قورۇقچىلىق تەدبىرى تەمىنات زەنجىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، يەر شارىنىڭ پۇل پاخاللىقىنى ئۆرلىتىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلق تۇرمۇشى تەننەرخىنى ئاشۇرۇۋەتتى، ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ خەلق تۇرمۇشى قىيىنچىلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. بىرازىلىيە ۋارگاس فوندى جەمئىيىتىنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇتەخەسسىسى شيا خۇاشېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تىرامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە، ئامېرىكا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىش ۋە دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرگە تېخىمۇ زور باجدا ئېتىبار بېرىش ئارقىلىق، پايدا ۋە پاي ئۆسۈمىنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كېتىپ قايتا مەبلەغ سېلىش ۋە سانائەتلەشتۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنغان. بايدىن ھۆكۈمىتى بۇ خىل رىغبەتلەندۈرۈش ۋە بىۋاسىتە تولۇقلىما بېرىشنى ئاساس قىلغان كەسىپ سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويدى، نەتىجىدە، بۇ-پۇل پاخاللىقىنى ئۆرلىتىپ ھەم يەر شارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، پۈتۈن دۇنيانى ئامېرىكىنىڭ ئەقىلگە قارشى سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتىگە بەرداشلىق بېرىشكە مەجبۇرلىدى. ئامېرىكىنىڭ سودا قورۇقچىلىق سىياسىتى ۋە بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى زور مىقداردا «سۇ قويۇپ بېرىش» پۇل سىياسىتى، مالىيە سىياسىتىنىڭ تاشقى ئېففېكتىنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەسىرىدە، يەر شارىنىڭ پۇل پاخاللىقى 40 يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا يەتتى، %60 تىن ئارتۇق تۆۋەن كىرىملىك دۆلەت قەرز قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلدى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىنىڭ سودا ئۇرۇشى نۇرغۇن زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» يېقىندا ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا قوزغىغان سودا ئۇرۇشى بىر مەيدان «ئېشىكى ئۈچ تەڭگە، توقۇمى بەش تەڭگە ئويۇنى» بولۇپ،