«چېچەكلەپ مېۋە بېرىش دۆلەت تەكلىپ قىلىش ھەرىكىتى» باشلاندى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:
مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى بىرلىكتە تەشەببۇس قىلغان، مەركەز ۋىدېيوسى دۆلەت مەبلەغ سېلىش ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان چوڭ تىپتىكى يۇغۇرما تاراتقۇلار تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى بولغان «چېچەكلەپ مېۋە بېرىش دۆلەت تەكلىپ قىلىش ھەرىكىتى» خەينەن ئەركىن سودا پورتى مەخسۇس مەيدانى 12-يانۋار باشلاندى. پائالىيەتتە خەينەن ئەركىن سودا پورتىدىكى داڭلىق كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئېھتىياجى بىرلەشتۈرۈلۈپ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر كۆپ خىللاشقان ئىشقا ئورۇنلىشىش تاللىشى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.
2-قېتىملىق «دۆلەت تەكلىپ قىلىش ھەرىكىتى» 2020-يىلى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلانغاندىن بۇيان، بىر مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.