ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دائىم تۇرۇشلۇق جايدا نوپۇس تىزىملاش تۈزۈمى ئىزدىنىشكە ئەرزىيدۇ

مەنبەسى:خەلق تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-19 10:49

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا بېسىپ تارقاتقان «يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى بەرپا قىلىش ھەرىكەت لايىھەسى»دە، دائىم تۇرۇشلۇق جايدا نوپۇس تىزىملاش تۈزۈمىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇپ، نوپۇسقا ئېلىشنى تەرتىپلىك يېتەكلەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا، بۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەپ، چاغاندىكى نوپۇسنىڭ كۆپلەپ يۆتكىلىشىنى ئاستىلىتىش تەدبىرى؛ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، بۇ، شەھەرلىشىش يۈزلىنىشىگە ماس كېلىدىغان بىر تۈرلۈك مۇھىم ئىسلاھات ئىزدىنىشى، شۇنداقلا شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر كونكرېت ئىسلاھات يولىدۇر.

دائىم تۇرۇشلۇق جايدا نوپۇس تىزىملاش تۈزۈمىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش − بىر تۈرلۈك مۇھىم تۈزۈم ئۈستىدە ئىزدىنىش بولۇپ، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق.

بىر تەرەپتىن، دائىم تۇرۇشلۇق جايدا نوپۇس تىزىملاشتىكى ھوقۇق-مەنپەئەتنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دائىم تۇرۇشلۇق جايدا تىزىملانغان نوپۇس بىلەن شۇ جاينىڭ ئەسلىي نوپۇسىدىكىلەرنى پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە مۇناسىپ ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن قىلىشنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، بولۇپمۇ ھەقىقەتەن يولغا قويۇش زۆرۈر بولغان نوپۇسنى ئاساس قىلغان چەكلەش خاراكتېرلىك بەزى سىياسەتلەردە، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بارلار بىلەن نوپۇستىكىلەرنىڭ ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

يەنە بىر تەرەپتىن، دائىم تۇرۇشلۇق جايدا نوپۇس تىزىملاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، دائىم تۇرۇشلۇق جايدا نوپۇس تىزىملاشنى رايون، تارماق ھالقىپ بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بۇ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق نەزەرگە ئېلىپ، رايون، تارماق ھالقىغان سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، مۇلازىمەت تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇلازىمەت ھالقىلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت يوللىرىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق بۇ كەسىپنى «بىر توردا بېجىرىش»نى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

دائىم تۇرۇشلۇق جايدا نوپۇس تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىش − نوپۇس تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئەمەلىي يول بىلەن تەمىنلىدى، بۇنىڭدا ھەم يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش كېرەك، ھەم جايلارنىڭ پائال ئىزدىنىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، تەجرىبە توپلىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دائىم تۇرۇشلۇق جايدا نوپۇس تىزىملاش تۈزۈمى ئىزدىنىشكە ئەرزىيدۇ

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا بېسىپ تارقاتقان «يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى