ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سۇرىيەدە زىيارەتتە بولدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇللاھىيان 10-ئاينىڭ 9-كۈنى سۇرىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، سۇرىيە زۇڭتۇڭى باشار، سۇرىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مىقداد بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ ئامېرىكىنىڭ جازاسى ۋە قامىلىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق، بولۇپمۇ ئىقتىساد-سودا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كېڭەيتىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. بۇ ئابدۇللاھىياننىڭ ئارىدىن بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم سۇرىيەدە زىيارەتتە بولۇشى.