ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېنېرگىيەدە كۆپ پايدىغا ئېرىشىش بېجى ئېلىشنى باشلىشىدىن قانچىلىك نەتىجە كۆرۈلدى؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-09 17:25

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئېنېرگىيە ماگناتى ئېكسون موبىل شىركىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نېفىت شىركەتلىرىدىن ئېنېرگىيەدە كۆپ پايدىغا ئېرىشىش بېجى ئېلىشىغا قارشى تۇرغان ھەمدە بۇ ھەقتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇكرائىنا كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان جازاسىنىڭ تەسىرىدە، ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتى جىددىيلىشىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ۋە تەبىئىي گاز باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلەپ كەتتى. ئېنېرگىيە ماگناتلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يۇقىرى پايدا ئېلىپ، ياۋروپا دۆلەتلىرى ھۆكۈمىتى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئېكسون موبىل شىركىتىنىڭ باياناتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: شىركەت ئىزچىل تىرىشىپ ياۋروپانى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىۋاتىدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۆپ پايدىغا ئېرىشىش بېجى ئېلىش تەدبىرى ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار مەبلەغ سېلىشنى چەكلەپلا قالماي، يەنە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئىمپورت قىلىنغان ئېنېرگىيەگە تايىنىشىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئېكسون موبىل شىركىتىنىڭ گوللاندىيە ۋە گېرمانىيەدىكى تارماق شىركىتى بۇ ھەقتە ليۇكسېمبۇرگقا جايلاشقان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۆپ پايدىغا ئېرىشىش بېجى ئېلىش ھوقۇقى يوق، ئالاقىدار باج ئېلىش ھەرىكىتى «ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىش» ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارىدى.

ئېكسون موبىل شىركىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارىتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كۆپ پايدىغا ئېرىشىش بېجى ئېلىش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانۇنىغا تامامەن ئۇيغۇن، كۆپ پايدا بېجى تاپاۋىتى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە، بولۇپمۇ ئاجىز ئائىلىلەرگە قايتىدىن تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ، دەپ قارىدى.

2022-يىلى 9-ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى ئېنېرگىيە كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش، ئېنېرگىيە باھاسىنى كونترول قىلىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى، ئاساسلىق تەدبىرلەر ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركەتلىرىگە توك باھاسى كىرىمىنىڭ يۇقىرى چېكىنى بېكىتىش ۋە تاشقاتما يېقىلغۇ كارخانىلىرىدىن كۆپ پايدىغا ئېرىشىش بېجى ئېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى كۆپ پايدىغا ئېرىشىش بېجى ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن 25 مىليارد ياۋرو توپلاپ، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ ئېنېرگىيە ھېسابات چىقىمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى پىلانلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ پايدىغا ئېرىشىش بېجى 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ تولۇقسىز ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە 10 نەچچە ياۋروپا دۆلىتى ئېنېرگىيەدە كۆپ پايدىغا ئېرىشىش بېجى ئېلىشنى ئېلان قىلغان، بۇ ھەقتە تەكلىپ بەرگەن ياكى يولغا قويغان. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئېلېكتىر شىركىتى ھەمدە نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر ۋە نېفىت ئايرىش كەسپىدىكى بارلىق شىركەتلەردىن %33 كۆپ پايدىغا ئېرىشىش بېجى ئېلىشنى پىلانلىدى؛ ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2023-يىللىق خامچوت لايىھەسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 7-ئايغىچە ئېنېرگىيە كارخانىلىرىغا قارىتىلغان كۆپ پايدىغا ئېرىشىش بېجى نىسبىتى %25 تىن %35 كە ئۆستۈرۈلىدىكەن . پورتۇگالىيە پارلامېنتى يېقىندا ئېنېرگىيە شىركىتى ۋە يېمەكلىك پارچە سېتىش سودىگەرلىرىدىن 33 پىرسەنت كۆپ پايدىغا ئېرىشىش بېجى ئېلىشنى تەستىقلىدى.

ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ تېز ئۆرلىشى نۇرغۇن ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئىقتىساد تۆۋەنلەش، پۇل پاخاللىقى سەۋىيەسى ئۆرلەش قاتارلىق قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، ئادەتتىكى خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى غايەت زور بېسىمغا دۇچ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېكسون موبىل، شېۋرولون قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى ئېنېرگىيە ماگناتلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك كۆپ پايدىغا ئېرىشتى. مۆلچەرلىنىشىچە، ئېكسون موبىل شىركىتىنىڭ 2022-يىللىق پايدىسى 56 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن، شېۋرولون شىركىتىنىڭ پايدىسى 37 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن.

تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنى قىسمەن پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاپ، ئامما ۋە زەربىگە ئېغىر ئۇچرىغان كارخانىلارغا تولۇقلىما بېرىش- ئالاھىدە ئەھۋالدا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشتىكى قايتا تەقسىملەش سىياسىتىگە كىرىدىكەن. گېرمانىيەنىڭ ئىلگىرىكى بىر تۈرلۈك ئەل رايىنى سىناش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %72 گېرمانىيە پۇقراسى كىرىزىسقا مۇناسىۋەتلىك ھەددىدىن ئارتۇق پايدىدىن نورمىدىن سىرت باج ئېلىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بېيجىڭ چەت ئەل تىللىرى داشۆسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت پىروفېسسورى ۋاڭ شو مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېنېرگىيەدە كۆپ پايدىغا ئېرىشىش بېجى ئېلىشى ئېنېرگىيە كىرىزىسى ئالدىدىكى بىر خىل ئۆزىنى قوغداش شەكلىدىكى ئىنكاس». بىر تەرەپتىن، ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەدبىر قوللىنىپ ئېنېرگىيە كىرىزىسى ئېلىپ كەلگەن زەربىنى تۈگىتىشى كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، نۇرغۇن خەلقئارا ئېنېرگىيە ماگناتلىرىنىڭ كەينىدە ئامېرىكا مەبلىغى بار. يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە ماگناتى ياۋروپا بازىرىنى ئىگىلەپ، سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازنى يۇقىرى باھادا ساتتى، ئامېرىكا «پۇل پاخاللىقىنى پەسەيتىش قانۇن لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياۋروپا ياسىمىچىلىقىغا زەربە بېرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. باج ئېلىش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەبلەغ توپلاش، كەسىپ يۆنىلىشىنى تەڭشەشتىكى ئىزچىل ئۇسۇلى، رەقەملىك باج، كاربون تاموژنا بېجى، ئېنېرگىيەدە كۆپ پايدىغا ئېرىشىش بېجى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەت.

ۋاڭشۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېنېرگىيەدە كۆپ پايدىغا ئېرىشىش بېجى ئېلىش ئارقىلىق ئاجىزلارغا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىپ، نىسپىي ئادىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى، لېكىن ئۇنىڭ سەلبىي ئۈنۈمىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.ـ بىرىنچىدىن، بۇ ئېنېرگىيە كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئاكتىپلىقىغا زەربە بېرىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنىڭ پايدىسى ئازايسا، زىيان ئىستېمالچىلارغا ئارتىپ قويۇلىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش يېتىشمەسلىك ۋەزىيىتى كۈچىيىپ، ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ يەنىمۇ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئېنېرگىيەدە كۆپ پايدىغا ئېرىشىش بېجى ئېلىش ياۋروپا دۇچ كەلگەن ئېنېرگىيە كىرىزىسىنى تۈپتىن ھەل قىلالمايدۇ.

ئېكسون موبىل شىركىتىدىن باشقا، ئىتالىيە ئېنېرگىيە شىركىتى، ئىسپانىيە نېفىت شىركىتى قاتارلىقلار شۇ جايدىكى سوت مەھكىمىسىگە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەرز سۇندى. گېرمانىيەنىڭ ئېنېرگىيە كەسپىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ كۆپ پايدىغا ئېرىشىش بېجى ئېلىش سىياسىتىگە قارشى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. كەسپى زاتلار: كىرىم ئۆرلىگەندە كۆپ پايدىغا ئېرىشىش بېجى ئېلىش شىركەتنىڭ مەبلەغ سېلىش ئارزۇسىغا زەربە بېرىپ، يېشىل ئېنېرگىيەگە قاراپ بۇرىلىش ياساش مۇساپىسىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ۋاڭ شونىڭ قارىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا ئېنېرگىيە كىرىزىسىنىڭ مەنبەسى ئۇكرائىنا كىرىزىسى ۋە ئامېرىكا، ياۋروپانىڭ رۇسىيەگە كۆپ قېتىم جازا يۈرگۈزگەنلىكىدە بولۇپ، بۇ ياۋروپانىڭ ئەسلىدىكى ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى ۋە تەمىنات زەنجىرىنى تۈپتىن بۇزغان. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ياۋروپا يېڭى، مۇقىم ئېنېرگىيە تەمىنات زەنجىرىنى ھەقىقىي بەرپا قىلالمايدۇ، يېڭى ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشمۇ بىر كۈندىلا ۋۇجۇدقا چىقىدىغان ئىش ئەمەس. ئۇكرائىنا كىرىزىسى ھەل قىلىنىشتىن بۇرۇن، ياۋروپا ئۇزاق مۇددەت ئېنېرگىيە خىرىسىغا چوڭقۇر پېتىپ قېلىشى مۇمكىن.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېنېرگىيەدە كۆپ پايدىغا ئېرىشىش بېجى ئېلىشنى باشلىشىدىن قانچىلىك نەتىجە كۆرۈلدى؟

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئېنېرگىيە ماگناتى ئېكسون موبىل شىركىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نېفىت شىركەتلىرىدىن ئېنېرگىيەدە كۆپ پايدىغا ئېرىشىش بېجى ئېلىشىغا قارشى تۇرغان ھەمدە بۇ ھەقتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.