رۇسىيە ئۇكرائىناغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئۆزى ھەل قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەربىيەلەيدىغان ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنى بىر ھەسسە كۆپەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋون دېر لېيېن 2-ئاينىڭ 2-كۈنى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ كىيېۋغا يېتىپ بېرىپ ياۋروپا ئىتتىپاقى-ئۇكرائىنا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. شۇ كۈنى ئۇ ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكې بىلەن سۆھبەتلەشتى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى بورېلى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تەربىيەلەپ بېرىدىغان ئۇكرائىنا ھەربىيلىرىنىڭ سانىنى 15مىڭدىن 30مىڭغا كۆپەيتىدۇ.
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 2-ئاينىڭ 2-كۈنى ۋولگاگراددا ستالىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا: رۇسىيە تەدبىر قوللىنىپ، رۇسىيەنى جەڭ مەيدانىدا يېڭىشكە ئۇرۇنغان دۆلەتلەرگە ئىنكاس قايتۇرىدۇ، دېدى. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ: رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئۆزى ھەل قىلىش ئىقتىدارى بار، دېدى.
تەرجىمان: دىلناز تۇرسۇن