بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ، قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ قىزىل دېڭىزدىكى سودا پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 18-مارت بايانات ئېلان قىلىپ، قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ قىزىل دېڭىزدىكى سودا پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. باياناتتا يەنە قىزىل دېڭىز ۋە تېخىمۇ كەڭ رايونلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش مۇراجىئەت قىلىندى. قۇسەي قوراللىقلىرى كونتروللۇقىدىكى يەمەننىڭ خۇدەيداھ ئۆلكىلىك تاراتقۇ ئىشخانىسى 18-مارت، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە خۇدەيداھ شەھىرىگە نەچچە قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى، دېدى.
تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن