ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شىفا دوختۇرخانىسىغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 19-مارت كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى شىفا دوختۇرخانىسىغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلدى، دېدى.
خاماس تاراتقۇ ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ شىفا دوختۇرخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 250 پەلەستىنلىك قازا قىلغان ياكى يارىلانغان.