بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياردەم ئەشيالىرىنىڭ غەززەگە كىرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى
بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا، ئىسرائىلىيە داۋاملىق قامال قىلغانلىقتىن، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ماددىي ئەشيالىرىنىڭ غەززە رايونىغا كىرىشى قىيىنغا توختىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق، يېزا-ئىگىلىك تەشكىلاتى 18-مارت ئاشلىق بىخەتەرلىكى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ: غەززەنىڭ شىمالىدا ھەر ۋاقىت ئاچارچىلىق يۈز بېرىشى مۇمكىن، دېدى.
19-مارت، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆپلىگەن ئورگانلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەت قوللىنىپ، غەززەنىڭ شىمالىغا ياردەم ئەشيالىرىنىڭ كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ جايدا ئاچارچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.