ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبىتى دوھادا باشلاندى، بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا غەززەدە 31 مىڭ 700 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-20 15:18

نەچچە كۈن توختاپ قالغان غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى 18-مارت قاتارنىڭ دوھادا يەنە باشلاندى، ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشىمايدىغىنى، بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە ئىسرائىلىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتتى. سۆھبەت 18-مارت كەچرەك باشلاندى، قاتار، مىسىرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ سۆھبەتكە قاتناشتى.

غەززە رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرى 18-مارت بايانات ئېلان قىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە 31 مىڭ 726 پەلەستىنلىك قازا قىلدى، دېدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 18-مارت غەززە رايونىدىكى ئەڭ چوڭ دوختۇرخانا شىفا دوختۇرخانىسىغا يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى خاماسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى فايىق مابۇخوخنى ئېتىپ ئۆلتۈردۇق، دېدى ھەمدە ئۇ قازا قىلغان جايغا يېقىن ئۆيدىن نۇرغۇن قورال بايقىغانلىقىنى بىلدۈردى. خاماس تاراتقۇ ئىشخانىسى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن مابۇخوخنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有