ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك باش ئىدارىسى شىفا دوختۇرخانىسى تۇرۇشلۇق رايوندا داۋاملىق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-24 10:10

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك باش ئىدارىسى غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى شىفا دوختۇرخانىسى تۇرۇشلۇق رايوندا داۋاملىق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى، ھازىرغىچە پەلەستىنلىك 170قوراللىق خادىم ئېتىپ تاشلاندى ھەمدە نۇرغۇن قورال ئامبىرى ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەر بايقالدى، دېدى. ئۆتكەن 24 سائەتتە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززە رايونىدىكى پەلەستىن قوراللىقلىرىنىڭ 35 ھەربىي نىشانىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى، بۇ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش مەركىزى، ھەربىي تايانچ پونكىت، ھەربىي ئىمارەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

غەززە رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ شۇ كۈنى غەززە شەھىرىدىكى بىر قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنى ئېلىش نۇقتىسىدا ئەشيالارنى ئېلىشنى كۈتۈپ تۇرغان خەلق ئاممىسىغا ئوق چىقارغانلىقى، 9 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى، نەچچە ئون ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆتكەن 24 سائەتتە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىدا يەتتە تۈرلۈك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، جەمئىي 72 ئادەمنىڭ جېرنىغا زامىن بولغان، 114 ئادەمنى يارىلاندۇرغان. بۇلتۇر 10-ئايدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە 32 مىڭ 100 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى، 74 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس 3-ئاينىڭ 23-كۈنى غەززەنىڭ مىسىر بىلەن چېگرالىنىدىغان رايونىنى زىيارەت قىلدى. بۇ بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، ئۇنىڭ بۇ رايونغا ئىككىنچى قېتىم زىيارەتكە كېلىشى. گۇتېررېىس رافا چېگرا ئېغىزى دەرۋازىسى ئالدىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ مۇنداق دېدى: رافا چېگرا ئېغىزىنىڭ بۇ تەرىپىدە، قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنى توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرى يەنىلا ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ ساقلاۋاتىدۇ، لېكىن چېگرا ئېغىزىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە نۇرغۇن كىشىلەر ئاچارچىلىق ئىچىدە قالدى. بۇ تىراگېدىيە ئەمەس، بۇ ئىنسانپەرۋەرلىككە زىت قىلمىش. ئۇ: غەززە رايونى دەرھال ئۇرۇش توختىتىشى كېرەك، دەپ يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

(تەرجىمان: ئامانگۈل، سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل )

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك باش ئىدارىسى شىفا دوختۇرخانىسى تۇرۇشلۇق رايوندا داۋاملىق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك باش ئىدارىسى غەززە رايونىنىڭ