ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە زۇڭتۇڭى تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى توغرىسىدا تېلېۋىزىيە نۇتقى ئېلان قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-24 10:09

رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋا ئوبلاستىدىكى بىر كونسېرت زالىدا شۇ يەر ۋاقتى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى. خەۋەر بېرىلگەنگە قەدەر، رۇسىيە ھۆكۈمەت تەرەپ دەلىللىگەن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 133 كە يەتتى. «بۈگۈنكى رۇسىيە ئاگېنتلىقى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 143 ئادەم قازا قىلغان. رۇسىيە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ: نۆۋەتتە كونسېرت زالىدىكى ئوت پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلدى، دېدى، موسكۋا ئوبلاستىنىڭ باشلىقى نەق مەيداندىكى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى، ئىزدەش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 3-ئاينىڭ 23-كۈنى تېررورلۇق ھۇجۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلققە تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، 3-ئاينىڭ 24-كۈنى مەملىكەت بويىچە تەزىيە كۈنى بولىدۇ، دەپ جاكارلىدى. پۇتىن مۇنداق دېدى: بۇ ئادەتتىكى ئاممىغا قارىتىلغان قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمى، ۋەقەدە نۇرغۇن كىشى قازا قىلدى. ھازىر ئالاقىدار تارماقلار 11 ئادەمنى قولغا ئالدى، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت ئادەم تېررورلۇق ھۇجۇمىغا بىۋاسىتە قاتناشقان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، گۇماندار ئۇكرائىنا تەرەپكە قېچىپ كەتكەن، دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، بەزىلەر ئۇلارغا دۆلەت چېگراسىدىن قاچىدىغان جاي تەييارلىغان. ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ ھەمدە تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدۇ.

رۇسىيە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇ كۈنى تونۇشتۇرۇشىچە، مەزكۇر كومىتېتنىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ھازىر ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇۋېتىپتۇ. دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، تېررورچىلار ھۇجۇمدا ئاپتوماتىك قورال ئىشلەتكەن ھەمدە ئاسان ئوت ئالىدىغان سۇيۇقلۇق بىلەن ئوت قويغان. ئوق تېگىپ يارىلىنىش ۋە كۆيدۈرگۈچ ماددىدىن زەھەرلىنىش قازا قىلغانلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن. رازۋېدكا كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى سۋېتلاننا پېترولېنكو مۇنداق دېدى: ھازىر كونسېرت زالىنى تازىلاش ۋە ئاختۇرۇش، ماددىي ئىسپات توپلاش، نازارەت قىلىش ۋىدېيوسىنى تەتقىق قىلىش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يارىدارلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تېررورچىلار جىنايەت ئۆتكۈزگەن نەق مەيداندا قالدۇرغان يىپ ئۇچىنى ئىرسىيەتشۇناسلىق، باللىستىكا ۋە بارماق ئىزى ئىلىمى بويىچە تەھلىل قىلىۋاتىمىز.

رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: توردا تارقالغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى بىۋاسىتە سادىر قىلدى دەپ گۇمان قىلىنغان تۆت كىشىنىڭ رۇسىيە پۇقراسى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، ئۇلارنىڭ ھەممىسى چەتئەل پۇقرالىرى. ھازىر مىنىستىرلىقىمىز رۇسىيە فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە بۇ كىشىلەرنىڭ رۇسىيەدە توختاش ۋاقتىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى قاتارلىق مۇھىم ئەھۋاللارنى بېكىتىۋاتىدۇ.

ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى پەيدا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى، لېكىن رۇسىيە تەرەپ بۇ قاراشنى تېخى ئىسپاتلىمىدى.
تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرى بىخەتەرلىكنى قوغداشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ھەمدە ھەپتە ئاخىرىدىكى ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. سانكىت پېتىربورگ قاتارلىق جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەر ھەپتە ئاخىرىدىكى دەرسلەرنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

تەرجىمان: ئامانگۈل، سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل













中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە زۇڭتۇڭى تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى توغرىسىدا تېلېۋىزىيە نۇتقى ئېلان قىلدى

رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋا ئوبلاستىدىكى بىر كونسېرت زالىدا شۇ يەر ۋاقتى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى. خەۋەر بېرىلگەنگە قەدەر، رۇسىيە ھۆكۈمەت تەرەپ دەلىللىگەن قازا قىلغانلارنىڭ