خىمىيىلىك ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئىشلىتىش مىقدارىنى ئاشۇرماسلىق ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلماقتا
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:
1-ئاينىڭ 17-كۈنى يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى 2015-يىلىدىن بۇيان بۇ مىنىستىرلىقىنىڭ خىمىيىلىك ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلەتمەسلىك ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، كۆزلەنمە نىشاننى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىلمىي ھېسابلاشقا ئاساسلانغاندا، 2020-يىلى شال، بۇغداي، كۆممىقوناقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئاشلىق زىرائىتىنىڭ خىمىيىلىك ئوغۇتتىن پايدىلىنىش نىسبىتى %40.2، دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى %40.6 بولغان.#