ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يىن لىنى زىيارەت

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-21 17:31

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇخبىرىمىز فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يىن لىنى بۇ ھەقتە مەخسۇس زىيارەت قىلدى.

مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا: قىممەتلىك ۋاقىت كۆزنىكىنى ياخشى ئىشلىتىش ئارقىلىق، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق « 14-بەش يىل» نى ياخشى باشلاش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يىن لى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «14-بەش يىل» دا بىرىنچى كەسىپ مۇقىم، ئىككىنچى كەسىپ نادىر، ئۈچۈنچى كەسىپ ئەلا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھالقىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېڭى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرگىمۇ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشتە تەبىئىي تالانتىمىز بار، «14-بەش يىل»دا ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھالقىشى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىلىدۇ.

يىن لى مۇنداق دېدى: فۇجيەن ئۆلكىسى ئومۇميۈزلۈك، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھالقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادى، يېشىل ئىقتىساد، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ئۈچ چوڭ ساھەدىكى ئىشلارنى ياخشى ئىشلەيدۇ. ئالدى بىلەن قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، دېڭىز–ئوكيان ئىقتىسادىدا كۈچلۈك ئۆلكە قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ. بېلىقچىلىقتىن باشقا يەنە پورت، دېڭىز–ئوكيان ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش قاتارلىق بىر قاتار يۇقىرى يېڭى تېخنىكا جەھەتتە دېڭىز–ئوكياندىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ.

يىن لى مۇنداق دېدى: ئېكىئولوگىيىلىك ئۆلكە قۇرۇش پىلانى بويىچە فۇجيەن داۋاملىق ئېكولوگىيىلىك ئۈنۈمنى ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇپ، سۈزۈك سۇ ، يېشىل تاغنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈپ، سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇش بايلىقىنى تىرىشىپ تېخىمۇ زورايتىدۇ. بىز كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقى سودىسى ئۈستىدە يەنىمۇ ئىزدىنىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىپ، كاربون قويۇپ بېرىش ۋە كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. بىزنىڭ توكلۇق ھەرىكەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت پۇجيەن پىلانىمىز بار، يېشىل ئېنېرگىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، گۈزەل فۇجيەن قۇرۇپ چىقىمىز.
فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇر 2 تىرلىيون يۈەندىن ئېشىپ، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تەخمىنەن %45 نى ئىگىلىدى. يىن لى: كېيىنكى قەدەمدە فۇجيەن ئۆلكىسى تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى دەۋر رەقەملىك فۇجيەن قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، دېدى.











中央广播电视总台 央广网 版权所有

فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يىن لىنى زىيارەت

مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا: قىممەتلىك ۋاقىت كۆزنىكىنى ياخشى ئىشلىتىش ئارقىلىق، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى