ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دەۋر سوئالىغا بېرىلگەن جۇڭگونىڭ جاۋابى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-21 17:28

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش ئورگىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق شەرھلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۇلۇغ مۇساپىسىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان.
نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز جۇڭگونىڭ كۈچىنى قوشتى. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈنسېرى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، تېخىمۇ گۈللەنگەن گۈزەل دۇنيا قۇرۇشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. ئەمدى «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى-دەۋر سوئالىغا بېرىلگەن جۇڭگونىڭ جاۋابى» ماۋزۇلۇق ئالاھىدە خەۋىرىمىزنى ئاڭلىتىمىز.

بۈگۈنكى دۇنيا ئېنىقسىزلىققا تولغان، خىرىسلار ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولماقتا، خىيىم-خەتەر كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. «دۇنياغا نېمە بولدى، بىز قانداق قىلىمىز» دېگەن دەۋر سوئالى ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش ئورگىنىدا «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا باش مەقسەت نۇتقى سۆزلىگەندە، پۈتۈن دۇنياغا جۇڭگونىڭ جاۋابىنى بەردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: تىنچلىق مەشئىلىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد يەتكۈزۈش، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇش، مەدەنىيەت نۇرىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش-ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۈمىدى شۇنداقلا بىز بۇ بىر ئەۋلاد سىياسىيونلارنىڭ زىممىسىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى. بۇ جەھەتتىكى جۇڭگو لايىھەسى-ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، تەڭ پايدا ئېلىش، ھەمبەھىرلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى دەۋر سوئالىغا ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇردى، ئۇ-جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ يۈزلىنىشى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشىدىكى روشەن بايراق. 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغان جاي موسكۋادا، شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم بۇ ئىدىيەنى شەرھلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ «بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان» تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تۇرغۇزۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئارقىدىن، رەئىس شى جىنپىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇن سورۇنلاردا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى قايتا-قايتا شەرھلەپ، بۇ ئىدىيەنىڭ دۇنياۋى ئورتاق تونۇشقا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى ھەم كۆپ قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھۆججىتىگە كىرگۈزۈلۈپ، جۇڭگونىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقا قوشقان غايەت زور تۆھپىسىنى نامايان قىلدى.

2017-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جەمئىيەت تەرەققىياتى كومىتېتىنىڭ 55-نۆۋەتلىك يىغىنىدا، «ئافرىقىنىڭ يېڭى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشىنىڭ ئىجتىمائىي قاتلىمى» دېگەن قارار ماقۇللىنىپ، «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» تۇنجى قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارىغا كىرگۈزۈلدى. شۇ يىلى 11-ئايدا، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشى 1-كومىتېتىنىڭ قارارىغا كىرگۈزۈلۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى قارار بوشلۇقىنى تولدۇردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى قوشۇمچە ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى جۇڭ مەنچۈەن مۇنداق دېدى: مېنىڭچە، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش-جۇڭگونىڭ پۈتۈن يەر شارىدا كۆپ تەرەپچىلىككە بەرگەن ۋەدىسى. كۆپ تەرەپچىلىك رامكىسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقتا، جۇڭگو ئىجابىي رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى-كۆپ تەرەپچىلىكنىڭ بىر مۇھىم سۇپىسى، شۇڭا بىز مۇشۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدىنى قارشى ئالىمىز.

2020-يىلى 11-ئايدا، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى يەنە بىر قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تاشقى بوشلۇق قارارىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن مۇنداق دېدى: ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش-جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان، خەلقئارا جەمئىيەت كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلغان ئىدىيە. بۇ ئىدىيە تارىخىي تەرەققىيات ئېقىمىغا ئۇيغۇنلاشقان بولۇپ، بۈگۈنكى دۇنيادىكى تۈرلۈك مەسىلە ۋە خىرىسلارنى ھەل قىلىشنى تۈپ ھەرىكەت لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى.

تۇيۇقسىز پەيدا بولغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىگە زور خىرىس ئېلىپ كېلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنىڭ رېئال ئەھمىيىتى ۋە دەۋر قىممىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى.
يۇقۇم پەيدا بولغاندىن بۇيان، جۇڭگو خەلقئارادىكى مەجبۇرىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە داۋالاپ قۇتقۇزۇش تەجرىبىلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇپ، يەر شارىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمكارلىقىنى كۈچلۈك قوللىدى. جۇڭگو يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ يەر شارى ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى قوزغاپ، يەر شارىدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئەشيالىرىنى ئەڭ چوڭ تەمىنلىگۈچى دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالدى.

جۇڭگو يەنە ۋاكسىنىنى يەر شارىنىڭ ئاممىۋى مەھسۇلاتى قىلىش ۋەدىسىنى پائال ئادا قىلدى. نۆۋەتتە، نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلار جۇڭگو بىلەن ۋاكسىنا سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. مۇشۇ ئاي كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ھىندونېزىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئەملىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىغا قىممەتلىك ئىشەنچ ئاتا قىلدى. جۇڭگونىڭ ھىندونېزىيەدىكى باش ئەلچىسى شياۋ چيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو ۋاكسىنىسىنى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئاممىۋى مەھسۇلاتى قىلىش ھەققىدىكى تەنتەنىلىك ۋەدىسى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىپ، ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىق تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى شۇنداقلا بۇ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە كۈچلۈك چۈشەندۈرۈلۈشى بولۇپ قالدى.

يۇقۇمنىڭ چوڭ سىنىقىدا، جۇڭگو ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى سەمىمىي ئارزۇسى ۋە چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى. بىر يىلدىن بۇيانقى بوران-چاپقۇننى باشتىن كەچۈرگەن خەلقئارا جەمئىيەت ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئەھمىيىتىنى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئالاقىنى راۋانلاشتۇرىدىغان، بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان يەر شارى كەنتىدە، ھەر خىل مۇرەككەپ، كەسكىن خىرىسلار ئالدىدا، ئىنسانلار ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە تېخىمۇ موھتاج。 ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دەۋر سوئالىغا بېرىلگەن جۇڭگونىڭ جاۋابى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى