شى جىنپىڭ دادائېنى تەبرىكلىدى
شى جىنپىڭ تېلېگرامما يوللاپ دادائېنىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ باش ۋالىيلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 27-كۈنى بوب دادائېگە تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ باش ۋالىيلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بۇرۇن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ بىرى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ھازىر جۇڭگو بىلەن پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە زور بەخت ئېلىپ كەلدى. مەن جۇڭگو-پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، باش ۋالىي دادائې بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل